باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژدا جۇڭگولۇقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

2016.08.23 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى 1800 جۇڭگولۇق 21-ئاۋغۇست نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شۇ جاي ئامانلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار پارىژنىڭ شىمالىدىكى سېنا سانت دېنىس ئۆلكىسىنىڭ ئوبېرۋىللىئېرس شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شوئار توۋلىدى.

  پارىژ شەھىرىنىڭ شىمالىي، شەرقى رايونلىرىنىڭ ئامانلىقى ئەزەلدىن بەك ناچار ئىدى، بولۇپمۇ سېنا سانت دېنىس ئۆلكىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ھەممىدىن يۇقىرى. بۇ شەھەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ كىيىم-كېچەك توپ سېتىش بازىرى ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ. جانلىق سودا پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن جۇڭگولۇقلار نامرات ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئەۋج ئالغان. جۇڭگولۇقلار شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىقنى كۈچەيتىشىنى كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، ئاھالىلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، ساقچىلار يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تازا ئۈنۈمى بولمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر