باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى جەھەتتە يەنە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

2016.08.23 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۇدا ناھايىتى تېز ئاشتى. 7 - ئايدا كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۇدا بەش قېتىم ئىدارە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يولۇچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 116 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى؛ 5 -، 6 -، 7 - ئاۋغۇست ئۈچ كۈندە كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۇدا 120 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقاندىن كېيىن، 20 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 130 مىڭلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 130 مىڭ 4 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى بەش قېتىم تەڭشەپ، تۆمۈريولنىڭ ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك توشۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە قاتناش سىجىللىقىنى ئاشۇردى، شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان پويىزلارنى كۆپەيتىپ، پويىز سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشتى. يولۇچى توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «20 - سېنتەبىر» ۋە «1 - ئۆكتەبىر» يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچىدىكى پويىزلارنىڭ يۈرۈشى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ. شۇ چاغدا، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچ جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا ئۇزارتىلىدۇ؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ يۈرۈش سىجىللىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، پويىزنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يۈرۈش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، تۆمۈريول يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ «سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئاممىۋى قاتناشقا يۈزلەندۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش» مۇلازىمىتى يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ. يولۇچىلار پويىزىنىڭ يېڭى يۈرۈش خەرىتىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى چوڭ ۋوگزاللارنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 10 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىدىن ئۈمىد بار.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى يىل ئىچىدە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ، يولۇچى تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، توشۇش يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ نامايان قىلىدىكەن، شۇ چاغدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ مەملىكەت بويىچە تورلىشىش ئىقتىدارى ۋە رايون قاتناش - تىرانسپورتىدىكى رولى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر