باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2016.08.23 15:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى 21 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، 120 مىڭ تاماشىبىن بۇ كاتتا كۆرگەزمىدىن ئورتاق ھۇزۇرلاندى.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە جەمئىي 152 مەدەنىيەت تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالانغان، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 800 مىليون يۈەنگە، نەق مەيداندىكى سېتىش سوممىسى 178 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ بازارلىشىش، كەسىپلىشىش ۋە خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئاشقان.

  بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىدە دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش تېمىسى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، كۆلىمى كېڭەيتىلىش بىلەن بىللە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سۈپىتى ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى؛ ئەمەلىي ئۈنۈم گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كەسىپلەشتۈرۈش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى؛ بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپلەر مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىسى گەۋدىلىك نامايان قىلىندى.

  21 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، شىنجاڭ «خۇڭليەن» يۇمشاق ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ مەدەنىيەت كەسپى بويىچە 4 - تۈركۈمدىكى 16 ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا نام بېرىلىپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى.

  كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باھالىشى ئارقىلىق، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە - ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق 21 ئورۇنغا مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى بېرىلدى؛ شاڭخەي كارتون فىلىم كۆرگەزمە ئۆمىكى، شېنجېن خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - يەرمەنكە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 16 ئورۇنغا ئەڭ ياخشى كۆرگەزمە ئورنى مۇكاپاتى بېرىلدى؛ «108 ئارخات» ناملىق ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرىنى ئىشلىگەن لاڭفاڭ شەھىرى «ۋېيپەي» ھەيكەلتىراشلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئون ئورۇنغا ئىجادىي لايىھە مۇكاپاتى بېرىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى 4 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى «ئاباي يولى» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ شياڭگاڭ «جيېشۈن» يەر شارى سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ «لۈنشىدا» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت كەسىپلىرى تۈرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر