باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

2016.08.23 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون GDPسى (ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) 932 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 8 - ئورۇندا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئۇدا ئۈچ يىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

   مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش» ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ۋە خېيىم - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تېز بولۇش، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن ئاستا بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 29 - ئورۇندىن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتىمۇ تۆۋەن كىرىملىك رايوندىن ئوتتۇراھال كىرىملىك رايونلار قاتارىغا ھالقىدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2010 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا بەش يىل ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشقان، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.8 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن %3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 2013 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئايرىم - ئايرىم 6 -، 4 - ۋە 8 - ئورۇندا تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر