باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنى ئەيىپلىدى

2016.08.23 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ22-ئاۋغۇستتىكى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋرى چاۋشەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى يادرو ئۇرۇشى خىرىسى.

  چاۋشەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ باياناتچى: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ مەقسىتى چاۋشەن شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنىغا سوغۇق سۇ سېپىش، ساد سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا قارشى تۇرۇۋاتقان، ئامېرىكىغا قارشى مۇستەقىل ئېقىمنى توسۇش دېدى.

  باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاشەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە تۇتقان مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق، چاۋشەن چاۋشەنچە يادرو توسۇش كۈچىگە تايىنىپ بارلىق تاجاۋۇز ۋە خىرىسلارنى بىت چىت قىلىدۇ.

  باياناتچى يەنە ئامېرىكىدىن مانىۋېرنى توختىتىپ، چاۋشەنگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا كورىيەنى چاۋشەننىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سىايسىي ھەربى ئورنى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆزگىرىش بولغان چاۋشەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئىستراتېگيەلىك قېلىپىغا توغرا قاراش، يېنىكلىك قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر