باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

2016.08.23 15:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ 22-ئاۋغۇست دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2800 مېتىر كېلىدىغان چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل-زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گولمۇد شەھىرىگە كېلىپ، يەنە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 60 كىلومېتىر يول يۈرۈپ چىڭخەي تۇزكۆل سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كالىيلىق ئوغۇت تارماق شىركىتى پرىستانىغا باردى. شى جىنپىڭ بۇ يەردە چايدام ئويمانلىقىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۇزكۆل بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانلارنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت، كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىكى يېڭىلىقلار، ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىچە بىيو كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماگنىي قېتىشمىسى يېڭى ماتېرىيالى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ سال يولىنى بويلاپ مېڭىپ پىرىستانغا بېرىپ، زامانىۋى تۇز ئېلىش پاراخوتلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈردى. كارخانىنىڭ بەش يىلدىن 10 يىلغىچە دۇنيا بويىچە ماگنىي-لىتىي-كالىي ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ باشلامچى كارخانا بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى
    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى