باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شەرقىي شىمال رايونىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈچ يىللىق دومىلىما يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتتى

2016.08.23 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈچ يىللىق(2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە)دومىلىما يولغا قويۇش لايىھەسى» يېقىندا تارقىتىلىدىكەن. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يىلغا بۆلۈپ 137 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە 127 تۈرلۈك نۇقتىلىق تۈرلەر بېكىتىلگەن.

  137 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت: تۈزۈلمە-مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۈچەپ رىغبەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ يادرولۇق ۋەزىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  127 نۇقتىلىق تۈر 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئىش باشلاپ قۇرۇش پىلانلانغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي شىمال رايونىنى گۈللەندۈرۈشتە ئومۇميۈزلۈك مۇھىم تەسىرى بار، يېتەرسىزلىكنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم تۈرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2016-يىلى 62 تۈر، 2017-يىلى 33 تۈر، 2018-يىلى 32 تۈر ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئاساسلىقى قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر