خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالاھىدە ئۈنۈملۈك قۇرۇقلۇق بازىسى مەشقى ئارقىلىق، ئالدىنقى كۈنى يەنە بىر تۈركۈم پاراخوتقا قونىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن قىرغۇچى 15 تىپلىق پاراخوتقا قونىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەيدەپ، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىدا توسۇق ئارقىلىق قونۇش ۋە سىيرىلىپ ئۇچۇش قاتارلىق تۈرلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاۋىياماتكىدا ئۇچۇش سالاھىيەت باھالىشىدىن ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ پاراخوتقا قونىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى ئارمىيە، يەرلىك ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەشتىن دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى مۇستەقىل تەربىيەلەشكە بولغان زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتقا قونىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى مۇستەقىل تەربىيەلەش سىستېمىسىنىڭ كۈنسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ، دېڭىز ئارمىيەمىز ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى