باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گىروزىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا قارىتىلغان بىر تېررورلۇق سۇيقەستىنى بىتچىت قىلدى

2016.08.24 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گىرۇزىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تۈنۈگۈن گىرۇزىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يېقىندا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا قارىتىلغان بىر قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. گىرۇزىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بەش گىرۇزىيەلىك پايتەخت تىبلىسقا يېقىن جايدىكى ساغىرامۇ كەنتىدىكى بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ۋەيران قىلىشنى پىلانلىغان ۋە تەشكىللەشكە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنىپ 20-ئاۋغۇست قولغا ئېلىندى. بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى رۇسىيەدىن ئەرمېنىيەگە بارىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ گىرۇزىيە چېگراسىدىكى بىر بۆلىكى. گىرۇزىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بەشەيلەن زانۋالى-شاتىلى تاشيولى ئەتراپىدا پارتلاتقۇچ ۋە پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسىنى توشۇۋاتقاندا ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇۋالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر