باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە سۇرىيە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش تەكلىپى بەردى

2016.08.24 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا كېڭىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش تەكلىپى بەردى، رۇسىيەدە چىقىدىغان «خەۋەرلەر گېزىتى»دە 23-ئاۋغۇست رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇرىيە ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ھەلەپ رايونى ۋە سۇرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، ئەمما سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى جانلىنىشى سۇرىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار توقۇنۇش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ سەۋەبى سۇرىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش مېخانىزمىغا ئوخشاش مۇناسىۋەت يوق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر