باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2016- يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى

2016.08.24 16:35   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2016- يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2016 - يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسى نامرات 20 ئوقۇغۇچى ۋەكىلىنىڭ ھەربىرىگە 5000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات سۇلتان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2015-، 2016ـ يىلى ئۇدا ئىككى يىل « ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى 37 مىليون 210 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلىدى. 2015ـ يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغى 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائارىپ نازارىتى ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، «بىرىنچى تۈركۈم » ئوقۇش ياردەم بېرىش پۇلىنى 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈردى ھەمدە ئىلگىرىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە 1000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىپ، «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش » پائالىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى ۋە ۋاسىتىسى قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئوبيېكتى ئاساسلىقى، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسى ۋاقتىنچە قاپلىمىغان، ياكى قاپلىغان بولسىمۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياردەم بېرىشكە مۇھتاج قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ باسقۇچىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پات ئارىدا بىر قاتار ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىنىشتە ۋە ئەخلاقتا ئەلا، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى
    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…