باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

165 چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشتى

2016.08.24 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئاۋغۇست دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «13-بەشيىللىق پىلان» پىروگراممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: 165 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ سالمىقى ناھايىتى چوڭ، خېلىلا كۆپ قىسمى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدۇ.

  خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: 13-بەشيىللىق پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈشنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. شۇڭا بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تاللىغاندا، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز.

  خۇ زۇسەي يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز خەلق ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىغا، يەنى ئىستېمالنىڭ يۈكسىلىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجى، پاكىزە سۇ ئىچىش، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، خاتىرجەم تاماق يىيىشتەك تېخىمۇ جىددىي تەلىپىنى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا تولۇق ئەكس ئەتتۈردۇق. شۇڭا بۇ 165 نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ خېلىلا كۆپ قىسمى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشكەن، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرى تىزىملىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش پىلانى ھەرىكىتى، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈش ھەرىكەت پىلانى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرى، ئۇندىن باشقا يەنە مائارىپ، ساغلاملىق، مەدەنىيەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر