باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كورىيە ياپونىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج

2016.08.25 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن 8-قېتىملىق جۇڭگو كورىيە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى ياپونىيەنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدافۇمىئو، كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يوڭ بيۇڭسېي يىغىنغا قاتناشتى. نۆۋەتتە جۇڭگو كورىيە ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شەرقى شىمالىي ئاسىيادىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگو كورىيە ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى رايون ۋەزىيىتىگە زور، چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىختىلاپلارنى قانداق قىلىپ كونترول قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى- شەرقى شىمالىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەت تارخقا توغرا قاراش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىققا مەركەزلىشىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە ئۈچ دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئارا ئىشنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، 4 چاقنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەرقى ئاسىيا ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  كىشىدافۇمىئو بىلەن يوڭ بيۇڭسېي مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقى بۇ رايوننىڭ تېنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئەھمىيىتى زور. ئۆتكەن يىلىدىكى رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، ئۈچ دۆلەت يىغىندىكى ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۈچ تەرەپ بۇندىن كېيىن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو كورىيە ياپونىيەنىڭ نوپۇسى 1 مىليارت 500 مىليوندىن ئاشتى، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 16 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئاسىيانىڭ %70نى، دۇنيانىڭ %20نى ئىگىلىدى، تاشقى پېرىۋوت زاپىسى دۇنيانىڭ %47نى ئىگىلىدى، تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى ۋە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى دۇنيانىڭ %20نى ئىگىلىدى. ئۈچ دۆلەت ئاسىيانىڭ تەرەققىيات مەركىزى، شۇنداقلا ئاسىيا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ مەركىزى. جۇڭگو كورىيە ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى شەرقى ئاسىيا، ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۈچ تەرەپ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ، يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار خەلقئارا يىغىنلاردا ئالماشتۇرۇش، ماسلىىشىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشپ يىل ئىچىدە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ھازىرلاش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بەزى تاراتقۇلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارىدىن بەش يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى، شۇنداقلا 2012-يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە كېلىشى.

  مۇخبىرلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، بۇ قېتىمقى جۇڭگو كورىيە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىرى يىغىنىغا قارىتا ياپونىيەنىڭ كۆڭلىدە سان بار. سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، ئابې شىنزۇ كابېنتى قارار ماقۇللاپ كورىيەلىك ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار فوندىغا تەخمىنەن 9مىليون 980 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىشنى قارار قىلدى.

  ھۆكۈمەت ئىشخانىسى مۇدىرى شۇ كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر مەبلەغ چىقىمى تاماملانسا ياپونىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن كورىيە ئۆتكەن يىلى ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە بىردەك پىكىرگە كەلگەندە بەلگىلەنگەن ياپونىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياپونىيە كېيىنكى قەدەمدە كورىيەدىن ياپونىيەنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىس ئالدىدىكى ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللارغا سىمۋول قىلىنغان قىزچاقنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ياپونىيە كورىيەگە شىپالىق دورا بەرمەكچى ھەمدە كورىيەدىن كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلماقچى. لېكىن كورىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى جامائەتچىلىكنى ياپونىيەنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىشقا كۆندۈرەلەمدۇ يوق؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دېيىش تەس.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرى كورىيە ھۆكۈمىتى ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە پۇل تۆلەپ قۇتۇلماقچى بولسا، كورىيەدىكى ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرمىكى ناھايىتى تەس. كورىيە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورىشى ھەمدە قايتا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو كورىيە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىنىڭ مەقسىتى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى،مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭگو كورىيە ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ساقلاش، شەرقى ئاسىيا رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىغا ياردەم بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو كورىيە ياپونىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە يىراق مەنپەئەتىنى، يىراق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى چىقىش قىلىپ، ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە چۈشىنىشكە ئەمەل قىلىپ، نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دوستلۇق ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر