خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، ئابدۇرۇسۇل خەۋىرى) 23-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى تىگىن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 40 كۈن داۋاملاشقان يازلىق تەتىللىك «قوش تىل» كۇرسىنى ئاياغلاشتۇردى.
خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، كەنت ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خەنزۇ تىلى ئاساسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ قېتىم كەچ كۇرس ۋە شەنبە، يەكشەنبىلىك سىنىپ ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.
خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر يازلىق تەتىل كىرگەندىن بۇيان، كەنتتىكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرى، ئىستۇدىنت كەنت كادىرى ۋە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 260 كۇرسانتقا تەكرار قىلىپ بەردى.
بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۇرسانتلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە سىياسىي ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۇرسانتلار ۋە ئاتا-ئانىلار رازى بولدى.
سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مىلانبېك سەيدالىن ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسى سۆزلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى