باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇربان ھېيتلىق، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

2016.08.26 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت تورى 25 - ئاۋغۇست قۇربان ھېيتلىق، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى: 2016- يىللىق قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنىدا 11- سېنتەبىر (يەكشەنبە) كۈنىدىن 17- سېنتەبىر (شەنبە) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 10- سېنتەبىر (شەنبە) ۋە 18 ـ سېنتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.ئەسلى تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمىتى، مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورۇنلىرى:2016- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-قۇربان ھېيت. 11- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174- نومۇرلۇق ھۆكۈمەت پەرمانىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، 2016- يىلى قۇربان ھېيتلىق ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 11- كۈنى (يەكشەنبە) دىن 9- ئاينىڭ 13- كۈنى (سەيشەنبە) گىچە قويۇپ بېرىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 11- كۈنى (يەكشەنبە) نورمال دەم ئېلىش كۈنى. 9- ئاينىڭ 14- كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن تولۇقلاپ ئارام ئېلىنىدۇ.

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2016-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2016-يىللىق تاۋۇز چاغىنىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 15- كۈنى (پەيشەنبە) دىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنى (شەنبە) گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  2016- يىللىق قۇربان ھېيتلىق ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىدەك: 2016- يىللىق قۇربان ھېيت ۋە تاۋۇز چاغىنىدا، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى (يەكشەنبە) دىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنى (شەنبە) گىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 10- كۈنى (شەنبە)، 9- ئاينىڭ 18- كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى

  2016-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر