باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈن جەريان بويىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.08.25 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا باش ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى «ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنى ئەنگە ئېلىش، ئىمپورت قىلىش خاتىرىسى ۋە سېتىش خاتىرىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان. بۇ، دۆلىتىمىزدە ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈن جەريان بويىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سۈپەت-تېخنىكا باش ئىدارىسى ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ئۇچۇرى سۇپىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، تاپشۇرۇۋالغۇچىلار پەقەت تورغا چىقىپ بۇ سۇپىغا كىرسىلا، ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىش خاتىرىسىنى تولدۇرالايدىكەن. مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلار پەقەت بىر پىرىيۇم-كارانتىن ئورگىنىدا ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئەنگە ئالدۇرسىلا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا مال تاپشۇرۇۋېلىش ۋە كارانتىن ئىلتىماس قىلىشنى ئىختىيارىي تاللىيالايدىكەن. بۇ، ئىلگىرىكى پەقەت ئەنگە ئالدۇرغان پورتتىلا مال تاپشۇرۇۋېلىش ۋە كارانتىن ئىلتىماس قىلىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا باش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرى ئۇچۇرلىرىغا قارىتا پۈتۈن لىنىيەلىك سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سۈپەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۈز بەرگەندە تېزدىن مەسىلە بار مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىپ، ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر