باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى

2016.08.25 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ نەپەر جۇڭگو ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئالامىتى مۇسبەت چىققان ئىش توغرۇلۇق ئىنكاس قايتۇردى، خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە تەلەپ قىلىنىشى بويىچە، تەكشۈرۈشكە پائال ماسلىشىدىغانلىقىنى دېدى. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەقىقەتەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار مەۋجۇت بولسا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىگە ھەرگىز يۈز-خاتىرە قىلماستىن، قانۇن بويىچە قاتتىق جازا بېرىلىدۇ .

  جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى مۇنۇلارنى دېدى: مەزكۇر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەۋرىشكىلىرىنى قايتا تەكشۈرۈشىدە، ئۈچ نەپەر جۇڭگو ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى ساۋ لېي، چېن شيېشيا، ليو چۈنخوڭ روھلاندۇرۇش دورىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسبەت چىقتى.

  جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى باشتىن-ئاخىر "دۇنيا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش نىزامى" ۋە خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، "مەنئى قىلىشنى كەسكىن بۇيرۇق قىلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىش" دېگەندەك روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت فاڭجېنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، روھلاندۇرۇش دورىسىغا "قەتئىي يول قويماي" كەلگەن. جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى تۈرلۈك روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئورنىتىپ، جۇڭگونىڭ روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىلەن ماسلىشىپ، روھلاندۇرۇش دورىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈش جەھەتە نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ كەلدى.

  جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇسبەت نەتىجىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈشكە پائال ماسلىشىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ھەقىقەتەن بايقالسا، ھەرگىز يۈز-خاتىرە قىلماستىن، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىگە قانۇن بويىچە قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر