باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشى يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى يىل ئىچىدە 7- قېتىم تەڭشىلىدۇ

2016.08.25 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشى يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى يىل ئىچىدە 7- قېتىم تەڭشىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا پويىز قاتناش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇشنىڭ «تېزلىشىش، ئاممىۋىلىشىش، قولايلىشىش» مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۇرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ئاساستا، شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشى 7 - قېتىملىق يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشتە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىدىكەن.

  يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشتە، قەشقەر ۋە خوتەن ئارىسىدا قاتنايدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پويىزى» ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ۋاگونغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن، كۆپ قېتىملىق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى بىر سائەتتىن 40 مىنۇتقىچە قىسقارتىلىدىكەن؛ قەشقەر ۋە خوتەن ئارىسىدا قاتنايدىغان بىر قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىپ، خوتەندىن يولغا چىقىدىغان پويىز تۆت قېتىملىققا يەتكۈزۈلىدىكەن؛ ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان ئادەتتىكى پويىزنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر