باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىلارى يەنە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى كلىنتون فوند جەمئىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلىنغان سەتچىلىكنى ئاشكارىلىدى

2016.08.25 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرممىسى: «پوچتا يوللانمىسى ئىشىكى» نىڭ تەسىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون يەنە بىر سەتچىلىككە قالدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنلىقى ھىلارىنىڭ دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دەسلەپكى ئىككى يىلدىكى كۈنتەرتىپ جەدۋىلى ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى رەتلىگەندە، ئۇ ئۇچراشقان ھۆكۈمەت خىزمىتى سىرتىدىكى زاتلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ كلىنتون جەمەتى فوند جەمئىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى بايقىدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى باھا بېرىپ، ھازىرغىچە بۇنىڭدا قانۇنغا خىلاپ بىرەر ئىش بايقالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ «غەيرىي نىسبەت» كىشىلەرنى ھىلارىنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش غەرىزى ۋە سىياسىي دىيانىتىدىن گۇمانلانلاندۇرماي قالمايدۇ، دېدى.

  بۇ سەلبى ئۇچۇرلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كلىنتون 22-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ئايالى زۇڭتۇڭ سايلانسا، كلىنتون فوند جەمئىيىتىنىڭ چەتئەل ياكى كارخانىلارنىڭ ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى؛ ئۆزىنىڭ فوند جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى، قىزى بىلەن بىللە فوند جەمئىيىتىگە پۇل توپلاشنى توختىتىدىغانلىقى، فوند جەمئىيىتىنىڭ تىجارىتىنى مۇستەقىل تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھىلارى بۇلتۇر 4-ئايدا زۇڭتۇڭ نامزاتىغا سايلانغاندىن كېيىن، فوند جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيىتىدىن ئىستېپا بەردى ھەم فوند جەمئىيىتىگە پۇل توپلاش ۋە ھەقلىق نۇتۇق سۆزلەشنى توختاتتى. كلىنتون فوند جەمئىيىتى 2000-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىي 2 مىليارد دوللار بايلىق توپلىدى، پۇل ئىئانە قىلغان «فوند ئىگىسى» 6000 دىن ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر