خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاۋغۇست، «جۇڭگونىڭ مارسنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ نامى ۋە شەكىل بەلگىسىنى يىغىش پائالىيىتى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا جۇڭگونىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرگۈچىسى ۋە مارس ماشىنىسىنىڭ سىرتقى شەكىل لايىھە قۇرۇلمىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىگە تۇنجى قېتىم تۈر تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، 2020-يىلى خەينەننىڭ ۋېنچاڭ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىش، ئۇزۇن سەپەر بەشىنچى نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكىتا بۇ مارس تەكشۈرگۈچىسىنى بىۋاسىتە مارس ئوربېتاسىغا ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى