خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە خەلق ئىشلىرى قوغداش تارماقلىرىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا 24-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 247گە يەتكەن. نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ھەققىدە دوكلات يوق.
شۇ جاي ۋاقتى 24-ئاۋغۇست سائەت ئۈچتىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 24-ئاۋغۇست سائەت توققۇزدىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە)، ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رېيتى ئۆلكىسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى، تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، قوشنا رايوندا يەنە 5.4 بال يەر تەۋرىدى. بۇنىڭدىن باشقا رىم، نابلىس قاتارلىق جايلاردىمۇ يەر تەۋرىگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئىتالىيە دۆلەتلىك جۇغراپىيە، فېزىكا ۋە يانار تاغ تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا، تەۋرەش رايونىنىڭ «گىئولوگىيەلىك ھەرىكەتچانلىقى يەنىلا ناھايىتى ئاكتىپ»، دېيىلدى.
بۇ قېتىم يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن جايدىكى لاكۈيلا شەھىرىدە 2009-يىلى 5.9 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 300دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 65 مىڭ كىشى ماكانسىز قالغان ئىدى. ئىتالىيە تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ ئاپەت دەرىجىسى لاكۈيلا شەھىرىدىكى يەر تەۋرەشتىن «تېخىمۇ ئېغىر» دېدى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يەر تەۋرەشتىكى تالاپەت ئەھۋالى دوكلاتى يوق. جۇڭگونىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئەلچىخانا رايونىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر ۋاقىت يەر تەۋرەش ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار رايونلارغا بېرىشتىن ساقلىنىپ، جىددىي ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك ۋە ئەشيالارنى تەييارلىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى