باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى مەركەزدىكى خامچوتنى ئاشكارلىغان تارماق كۆپىيىپ 102 گە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.08.25 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-ئاۋغۇست مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ خامچوتنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ماھىيەتلىك قەدەم بېسىپ، خامچوتنى ئاشكارىلاشنىڭ قانۇن-تۈزۈم رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلۇپ، خامچوتنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، خامچوتنى ئاشكارىلاش شەكلى بارغانسېرى مۇمكەممەللەشتۈرۈلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010-يىلى، مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ مالىيە خامچوتىنى جەمئىيەتكە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىلى تارماق خامچوتىنى ئاشكارىلىغان تارماقلارنىڭ سانى 75 تىن كۆپىيىپ 102 گە يېتىپ، ئاشكارىلاش دائىرىسى ئادەتتىكى خامچوتتىن ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتى ۋە دۆلەت كاپىتالى تىجارەت خامچوتىغا كېڭەيتىلىپ، تارماقلارنىڭ كىرىم-چىقىم خامچوتىنى مۇستەقىل ئاشكارىلاشتىن تارماقلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئورگانلارنىڭ ئايلىنىش خىراجىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش، خامچوت ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارغا كېڭەيتىلدى ھەم ھۆكۈمەت «ئۈچ خىل» خىراجەت خامچوتى مۇستەقىل ئاشكارىلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر