- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى
2016.08.25 14:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا، «جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىسمەن جايلار ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مۇناسىپ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەھەتلەردە پايدىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر