باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رىئو دې ژانېيرو ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 1 مىليون 170 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

2016.08.25 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىئو دې ژانېيرو شەھىرىنىڭ باشلىقى پائىس 23- ئاۋغۇست يېقىندا ئاخىرلاشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باھالىغاندا مۇنداق دېدى: ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە رىئو دې ژانېيرو شەھىرى جەمى 1 مىليون 170 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ 410 مىڭى چەتئەللىك بولۇپ، مېھمانخانىدا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %94 گە يەتتى.

  شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باھالاش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەھەر ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلدى، رىئو دې ژانېيرو شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىنىڭ سودا سوممىسى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىكىدىن %70 كۆپەيدى، باخا رايونى بىلەن شىمالىي رايوندا تاۋارلارنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %30 ئاشتى.

  پائىس مۇنداق دېدى: ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى بۇندىن ئىلگىرىكى بارلىق تەنقىدلەرنى رەددىيە بەردى، بىز رىئو دې ژانېيرو شەھىرى بىلەن بىرازىلىيە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا بىزنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىمىزنى نامايەن قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر