باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا «پاراسەتلىك سوت مەھكىمىسى» بەرپا قىلىپ، قوش تىل سودىيەلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.08.25 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقە تورىنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش قۇرۇلۇشىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، «پاراسەتلىك سوت مەھكىمىسى» قۇرۇلشى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتلاش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدليە ئېھىياجىنى قاندۇرۇشنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، سوتنى يىراق مۇساپىلىك ۋىدېئولۇق قاراپ چىقىش، سەييارە سوت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى پائال كېڭەيتىپ، يىراق، چەت رايونلار ۋە يايلاقتىكى ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈۈرپ، توردا كېلىشىپ دېلو تۇرغۇزۇش، ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويۇش قاتارلىق سىستېمىلارنى قوللىنىپ، دېلونى تېز تۇرغۇزۇش، تېز سوتلاش، تېز ئاخىرلاشتۇرۇش، تېز ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يۇمشاق دېتال ئېچىش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، ئۇچۇرنى تەكشۈرۈشتە قوش تىل ئوچۇق سوتى، قوش تىلدىكى قانۇن ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى تەسىس قىلىپ، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن مىللىي تىلنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەدلىيەنى ئاشكارىلاش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە تەسىراتىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، سوت قىلىشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تىپىك دېلولارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى+سوتتا قاراپ چىقىشنى قوش تىلدا چۈشەندۈرۈش» شەكلىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى گۇۋاھلىق سوتى ئارقىلىق، ئەدلىيە ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ئەدلىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا بوي سۇنۇش، قانۇندىن پايدىلىنىشتەك ياخشى كەيپىياتنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر