- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭلىق چولپان سەنئەتكارلار شىنجاڭدا خەير - ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى
2016.08.26 14:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- سېنتەبىردىكى« جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ۋە تۇنجى «خەير - ساخاۋەت قانۇنى» ئېلان قىلىنغان پەيتتە، دوڭ لىيا، جاڭ لېي، پەرھات قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق چولپان سەنئەتكارلار ھەرقايسى جايلاردىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ، ناخشا كېچىلىكى شەكلىدە شىنجاڭنىڭ خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلماقچى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى 1996- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر ساھەدىكى كۈچلەرنى قوزغاپ، ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ، شىنجاڭدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ « ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇش - ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش » قاتارلىق ئالتە چوڭ يۈرۈشلۈك خەير - ساخاۋەت ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «شام نۇرى قۇرۇلۇشى»، «مېھىر - شەپقەت بىلەن ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش » قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق ئىئانە قىلىش تۈرىنى بەرپا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر