باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى 1-سېنتەبىر ئېچىۋېتىلىدۇ

2016.08.26 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاۋغۇست ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى 1-سېنتەبىر ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇ 7-ئايدا «يانفون ئەرزىيىتى» ئەپ دېتالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەرزىيەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەرز قىلغۇچى ئاممىغا قولايلىق يارىتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا «ئەرزىيەتتىن مەسلىھەت»، «ئەرزىيەت كۆرسەتمىسى» ۋە «تور ئەرزىيىتى» قاتارلىق ئىقتىدارلار بار بولۇپ، ئامما دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ كىرسە ياكى ئۈندىداردا «دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى»نى ئىزدەپ بۇ ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋالسا بولىدىكەن ھەمدە «تور ئەرزىيىتى» كۆزنىكىدە ئەرزىيەت تەلىپىنى يوللاپ، پىكىر-تەكلىپ بەرسە بولىدىكەن، ياكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، رازىمەنلىك باھاسى بەرسىمۇ بولىدىكەن.

  «تور ئەرزىيىتى» ئىقتىدارىدىن باشقا، ئۈندىدار سۇپىسى يەنە ئەرزىيەت خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالىدىكەن. دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى بۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر، ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكى مۇھىم يىغىنلار، ھەر قايسى جايلاردىكى ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى، يېڭى تەجرىبىلىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى يېشىپ ھەمدە ئەرزىيەت ھېكايىلىرى قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەرزىيەت كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مىساللىرىنى بايان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر