باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

G20 ۋە 20 B نىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

-- 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا - سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا ئومۇمىي نەزەر

2016.08.29 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ بېشىدا، ھازىرغىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا - سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنى (20 B) ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى ( G 20 ) رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى تەڭ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنداقتا، 20 Bدېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ G 20 بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

  «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىكى پائالىيىتى (20 B) ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇشى جەريانىدا ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى». 2016 - يىللىق 20 Bنىڭ رەئىسى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ زېڭۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2010 - يىلى قۇرۇلغان 20 Bھازىر تەرەققىي قىلىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا -سانائەت ساھەسىدىكى يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى.

  20 Bنىڭ ۋەزىپىسى بولسا سودا -سانائەت ساھەسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن G 20 دە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش تەدبىرى ۋە يەر شارىنى تۈزەش لايىھەسى چارە - تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىش ۋە باشلىقلار يىغىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان يىللىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ھەمدە G 20 باشلىقلار يىغىنىغا سىياسەت تەكلىپ دوكلاتى تاپشۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.

  بىر قانچە يىلدىن بۇيان، 20 B مۇھاكىمە قىلغان مەزمۇن بىلەن G 20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى يۇقىرى دەرىجىدە ماس كەلگەن بولۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتى، سودا، مەبلەغ، ئېنېرگىيە، ئۇل مۇئەسسەسە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 20 Bقۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە G 20 رەھبەرلىرى ھەر نۆۋەتلىك 20 Bباشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان، شۇنداقلا سودا - سانائەتچىلەر سىياسەت تەكلىپى بويىچە 20 Bۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. 2010- يىلىدىن باشلاپ، 20 Bجەمئىي 400 پارچە سىياسەت تەكلىپىنى G 20باشلىقلار يىغىنىغا تاپشۇرۇپ، G 20 رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە نائىل بولدى، بىر قىسىم تەكلىپلەر شۇ قېتىملىق G 20 ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئاخباراتىغا كىرگۈزۈلدى.

  دۇنيا ئىقتىسادى مۇشەققەتتە ئەسلىگە كېلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتىدە، جۇڭگو « 2016- يىللىق 20B نى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە بۇ يىل 1- ئاينىڭ 26- كۈنى 20 Bباشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. G 20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ماسلىشىپ، بۇ يىل 20 B پۇل مۇئامىلە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا - مەبلەغ سېلىش، ئۇل مۇئەسسەسە، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ تېما تەسىس قىلدى ھەمدە دۇنيادىكى 533 سودا - سانائەت كارخانىلىرى، سودىگەرلەر جەمئىيىتى، خەلقئارالىق ئاپپاراتلار ۋە ئاقىللار ئامبارلىرى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بەش قارالما خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى، شۇنداقلا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇنبىرى ئۆتكۈزدى.

  يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيانقى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يوللار بىلەن زىچ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىللىق «20 Bسىياسەت تەكلىپ دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا تۆت جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كېلەر ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 Bباشلىقلار يىغىنىدا رەسمىي G 20 باشلىقلار يىغىنىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر