باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى− «قەشقەردىكى ھېكايە»

2016.08.30 14:47   مەنبە: خەلق تورى

يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى− «قەشقەردىكى ھېكايە»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت ئاينۇر ئېزىز، مۇكەررەم ئەمەت خەۋىرى)

  − بالىلىرىم، تامىقىڭلارنى تېزرەك يەڭلار، «قەشقەردىكى ھېكايە» باشلىنىپ كېتىدۇ...

  − ھوي دادىسى، تېخىچە كىرمەيسىزغۇ؟ «قەشقەردىكى ھېكايە» باشلىناي دەپ قالدى...

  − «قەشقەردىكى ھېكايە»دە تۇرمۇشىمىز ئۆز ئەينى ئىپادىلىنىپتۇ، جۇمۇ، خۇددى كەنتىمىزدىكى ئىشلار كىنو قىلىپ ئىشلەنگەندەكلا...

  1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى قانىلى (XJTV-5) دا كۈندە كەچتە ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلغان «قەشقەردىكى ھېكايە» ناملىق 38 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى نۇرغۇن ئائىلىنى تېلېۋىزور ئالدىغا جەم قىلدى. ئاتا-ئانىلار بۇ فىلىمنى مەمنۇنىيەت ئىچىدە كۆرسە، ياشلار تۇرمۇش ئۆگەندى، بالىلار ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. فىلىم قويۇلغان 20 نەچچە كۈن ئىچىدە، توي-تۆكۈن، سورۇنلاردا «قەشقەردىكى ھېكايە» توغرىسىدا بەس-مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمىدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ، ئاممىغا ھۇزۇر، شادلىق ئاتا قىلدى.«قەشقەردىكى ھېكايە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خۇيۈ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «دولان» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىمدە بۈگۈنكى يېزا تۇرمۇشى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆپ قىرلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دېھقانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، شەھەر مەدەنىيىتىگە يۈزلىنىش جەريانىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت توقۇنۇشلار، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسەتلىرى، ئەنئەنىۋى ھويلا-ئاران مەدەنىيىتى، ئائىلە، مۇھەببەت، توي، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى قىزىقارلىق، رەڭدار ۋەقەلىكلەر، جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ، ھازىرقى شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى جانلىق، قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  چىن ھېكايىدىن سۆيۈندى دىللار

  − «قەشقەردىكى ھېكايە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ كۆردۇق،− دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «راھەتباغ» ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېزىز سايىت، − بىزدەك پىنسىيۇنېرلارنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆتىدۇ، بەزىدە تېلېۋىزوردىن كۆرگۈدەك بىرەر ياخشى فىلىم تاپالماي كېتىمىز. «قەشقەردىكى ھېكايە» قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى فىلىمنىڭ تېزرەك باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان بولدۇق. تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، نەۋرىلىرىمىزگىمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى. شەھەردە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، بۇ فىلىم ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ئەمەلىي دەرسلىك بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى ئېكرانلاردا كۆپرەك كۆرسەك، پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئېكرانلاردىن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى چۈشەنسە بەك ياخشى بولاتتى.

  − «قەشقەردىكى ھېكايە»دىن ئىنتايىن رازى بولدۇق، فىلىمدە ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي، چىن ئىشلار ئەمەلىي ئىپادىلىنىپتۇ،− دېدى قەشقەر شەھىرىدىن مەخپىرەت ھامۇت،− تېلېۋىزوردىكى نۇرغۇن فىلىملەرنى چوڭ-كىچىك بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ فىلىمدە ھېچقانداق غەيرىي كۆرۈنۈش يوق ئىكەن، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە قايىل قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بوپتۇ. بولۇپمۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىسلىرىمىز رول ئېلىپ، يەرلىك شىۋىدە سۆزلىگەچكە، فىلىمنىڭ جەلىپكارلىقى، تۇرمۇش پۇرىقى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.

  − بۇ فىلىم قەشقەردىكى ھېكايىلا ئەمەس، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ھېكايىسى بوپتۇ،− دېدى قاراقاش ناھىيەسىدىن قەمبەرنىسا مەتقاسىم،− فىلىمنى كۆرگەن دېھقانلار خۇددى ئۆزلىرىنى ئېكراندا كۆرگەندەك ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى. فىلىم شەھەرلىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئاران، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، قوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتسا، يېزىدىكىلەرگە قانداق قىلغاندا ھازىرقى ئەۋزەل سىياسەتتىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى، كونا ئىدىيە، خۇراپاتلىقتىن يىراق تۇرۇپ، تىرىشقاندىلا گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن

  قەشقەر− ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن شانلىق تارىخ ۋە قويۇق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ زېمىندا كىشىنى شادلاندۇرىدىغان تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىتى، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، قارىشى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، خەلق تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى.

  شىنجاڭ «دولان» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورلىرى ئابدۇخېلىل ئوبۇلقاسىم بىلەن دولقۇن ياسىن خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتالايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشكە مەبلەغ سېلىش ئويىغا كېلىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن سىنارېست قاھار نىياز بىلەن ئۆمەر قادىرغا فىلىم ئىشلەش مۇددىئاسىنى ئېيتتى. ئىككى سىنارېست قەشقەرگە قايتا-قايتا بېرىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزى كۆرۈش، ئۆزى ئاڭلاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ سىنارېيەنى يېزىپ چىقتى. سىنارېيە پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەر خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدان چۈشىنىدىغان رېژىسسور− تاھىر ھامۇتقا رېژىسسورلۇقنى تاپشۇردى.

  − «قەشقەردىكى ھېكايە» فىلىمى چوڭ جەھەتتىن يېزا ۋە شەھەر قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن،− دېدى سىنارېست قاھار نىياز فىلىم ھەققىدە توختىلىپ،− ھازىر يېزا قىسمى تاماملىنىپ، كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. فىلىمدە قەشقەردە ئۆزىمىز كۆرگەن، خەلق تۇرمۇشىدا ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقان رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتۇق. دېھقانلىرىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش قارىشى، دۇچ كېلىۋاتقان زىددىيەتلىرى، تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمانلىرى، خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرىنى ئەينەن يازدۇق. رېژىسسورمۇ شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن مەيدان تاللاپ سۈرەتكە ئېلىپ، فىلىمنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇردى. فىلىمدە ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلىدىن زامانىۋى تىجارەت يولىغا مېڭىپ، دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كوپىراتىپ ۋە كارخانا قۇرغانلارنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق دېھقانلارنى ئۆز كۈچىگە، بىلىمگە تايىنىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدۇق.

  كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كورىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىنو فىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ ئەھۋال كىنو فىلىم ساھىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئاشكارىلاپ قويدى. «قەشقەردىكى ھېكايە»دەك تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئىشلىنىشى خەلقىمىزنى ئېكراندا ئۆز تۇرمۇشىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى ۋە ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟

  فىلىم قويۇلغاندىن بۇيان كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ فىلىمگە «شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ياخشى فىلىم» دەپ يۇقىرى باھا بەردى.

  − «قەشقەردىكى ھېكايە» فىلىمىنىڭ ئىسمى مېنى بەك قىزىقتۇردى،− دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم فىلىم ھەققىدە توختىلىپ،− قەشقەر قەدىمىي يۇرت، بۇ يۇرتتا بۈگۈنكى تۇرمۇشقا خىزمەت قىلالايدىغان، كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۇرغۇتالايدىغان ھېكايىلەر ئىنتايىن كۆپ. فىلىمنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى يۇقىرى، سىنارېستلار قەشقەرنى ياخشى كۆزىتىپ، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان بۇ فىلىمنى روياپقا چىقىرىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، «قەشقەردىكى ھېكايە»گە ئوخشاش فىلىملەر كۆپرەك ئىشلەنسە، ئاممىنىڭ تەشنالىقى قېنىپ، ئەدەبىيات-سەنئىتىمىز ۋە كىنوچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى يۈكسەلگەن بولاتتى.

  − «قەشقەردىكى ھېكايە»نى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى فىلىم دېيىشكە بولىدۇ،− دېدى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىلمى دوكتورى زەمىرە مىجىت فىلىمگە باھا بېرىپ،− بۇ فىلىم ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە شەخسلەر مەبلەغ سالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرغىچە ئىشلەنگەن 200گە يېقىن ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە قىسىم سانى ئەڭ جىق، سىنارېست، رېژىسسور، ئاكتىيور، سۈرەتكە ئالغۇچى، ھەتتا مونتاژغىچە بارلىق خىزمەت ھالقىلىرىدا ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيە ئىجادىيەتچىلىرى بىر قوللۇق ئىشلىگەن تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ، يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. سىنارېستلار فىلىمدە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلىگەن. فىلىمدە قەشقەرنىڭ يەرلىك شىۋىسى ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرى روشەن گەۋدىلەنگەن ۋە نەق مەيدان ئاۋازى ئىشلىتىلگەن، پېرسۇناژلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان ھالدا چىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ فىلىم يېقىندا خەنزۇ تىلىدا ئاۋاز بېرىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلىدىكەن، بۇ شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇتۇش ، ئىچكىرى ئۆلكە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئۇلارغا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى، ياشاش شارائىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر