باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2016.08.30 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پائال ماسلىشىشى بىلەن، ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ناھىيەلىك ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش لېكسىيەسىگە قاتناشتى، بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى زۆھرە تۇردى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى، تارقىلىش يۈزلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئەيدىزىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە سىياسىتى، ئەيدىزنىڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە كەلتۈرۈدىغان زىيىنى ۋە قانداق قىلىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. كەڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر