باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باھالاش-تەكشۈرۈش چارىسى» نى تارقاتتى

2016.08.30 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باھالاش-تەكشۈرۈش چارىسى» نى تارقىتىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېمەكلىك بىختەرلىكى خىزمىتىنى باھالاش-تەكشۈرىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «چارە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باھالاش خىزمىتىدە نىشانغا يېتىش يۆنىلىشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش-جازالاشنى ئېنىق ئايرىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى تەشكىلىي رەھبەرلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى باھالاش-تەكشۈرۈش كېرەك. «چارە» دە مۇنداق بەلگىلەندى: باھالاش تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش. ئىككىنچى، ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ نومۇر قويۇش. ئۈچىنچى، تارماقلار باھالاپ تەكشۈرۈش. تۆتىنچى، ئۇنىۋېرسال باھالاش.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر