باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭى بىر تۈركۈم بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

تور ئېلانلىرى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ

2016.08.30 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئالاقە تورىدىكى سودا خاراكتېرلىك ئېلانلارنىڭ ھەممىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى پاتېنت ئىگىسى پاتېنت ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85 كېمەيتىلىدۇ؛ 20 تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بېرىپ ئىسپات ئېلىش ھاجەتسىز، ئاممىنىڭ «رەسمىيەت كۆپ، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىدۇ؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ تور يېمەك-ئىچمىكى قاتتىق نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ. مەركەزدىن يەرلىككىچە، بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلىمىز پاتېنت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە قوغداش يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «پاتېنت ھەققىنى كېمەيتىش چارىسى» تارقىتىپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى پاتېنت ئىگىسىنىڭ پاتېنت ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇشىغا قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە بېكىتتى، چارە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىنى ئېلىش رەسمىيەتلىرى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ قىسقارتىلىدۇ. مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزى يېقىندا «تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش كەسپىنى ياخشىلاپ، ئىش ئورۇنلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى جامائەت فوندىنى ئېلىش 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئېلىش ۋەدىسى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېلىش ماتېرىياللىرى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىرلىشىپ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تارقاتقان «بانكا كارتىسى سۈرتۈش رەسمىيەت ھەققىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» 6-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قېتىملىق سىياسەت تەڭشەش سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ كارتا سۈرتۈپ ئىستېمال قىلىش تۇيغۇسىنىمۇ ئاشۇردى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر