باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو يەنە بىر قېتىم 30 مىليارد مەبلەغ سېلىپ، ياپونىيە ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى

2016.08.29 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 27-ئاۋغۇست كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدا ئىچىلدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو يىغىندا سۆز قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئافرىقىغا يەنە 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى، داۋالاش ساھەسى ۋە سانائەتلىشىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ مەبلەغ بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئافرىقىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ ياپونىيەنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئافرىقىغا 2-قېتىم زور مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى، 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنىدا، ياپونىيە بەش يىلدا ئافرىقىغا 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، ھازىرغىچە %67 مەبلەغ ھەر قارشى تەرەققىيات تۈرلىرىگە سېلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر