باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىشتا چوقۇم «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»دا تىزىملىتىشنى ئەسكەرتىدۇ

2016.08.30 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بەيدۇ تورىدىن ئىزدىگەندە چىققان «چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش سىستېمىسى» (http://www.sqjob.cn/daxue/yuanxiao.asp) ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرغاندا، 350 يۈەن تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» نىڭ شىنجاڭنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىشتىكى بىردىنبىر بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت تورى ئىكەنلىكىنى سەمىمىي ئەسكەرتتى. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ئادرېسى: http://www.xjzk.gov.cn . «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا كىرىپ، چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاتقاندا، تىزىملىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەر بىر پەن ئىمتىھانى ئۈچۈن 69 يۈەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا بېكىتكەن ۋاقىتتا تاپشۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن تور ئادرېسىنى (http://www.xjzk.gov.cn) ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى »نىڭ باش بېتىگە تىزىملىتىشى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016ـ يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى»دا تىزىمغا ئالدۇرۇشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىشتا مەسىلىگە يولۇقسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ياكى تىزىملىتىش مۇقىملاشتۇرۇش نۇقتىسى (تەپسىلاتىنى « ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش مۇقىملاشتۇرۇش نۇقتىسى جەدۋىلى»دىن سۈرۈشتۈرۈڭ) بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالدامچىلىق قىلىمشىنى بايقىسا، بىۋاسىتە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 8-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، تىزىملىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر