باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاجراشقان ئاتا-ئانا، سوتتا تالاشتا قالغان بالا

2016.08.29 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا دادىنىڭ يارىلىنىپ قېلىشى سەۋەبلىك بالىلار باغچىسىغا ۋاقىتلىق ئاپىرىپ قويۇلغان بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ماجىرانى قانۇن بويىچە سوت قىلىپ، ئانىسىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش توغرىسىدىكى دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.يەن x بىلەن جاۋ x 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە كېلىشىم تۈزۈپ ئاجراشقان. ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلىنى دادىسى يەن x بېقىپ تەربىيەلەيدىغان بولغان. 2016-يىلى 5-ئايدا يەن x نى باشقىلار ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپ، كېسەلخانىدا يېتىپ قالغانلىقتىن، بالىنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بېرىپ، كېسەلخانىدىن چىققۇچە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بالىلار باغچىسىغا ھاۋالە قىلغان ھەم بۇ ئەھۋاللاردىن ئايالى جاۋ x نى خەۋەرلەندۈرگەن. بالىسىنىڭ بالىلار باغچىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جاۋ x دەرھال بالىلار باغچىسىغا بېرىپ، بالىنىڭ بۇ بىر قانچە كۈنلۈك بېقىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن بالىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتكەن ھەم يەن x ئۈستىدىن بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى، يارىلىنىش سەۋەبلىك بۇندىن كېيىنمۇ بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمايدۇ، دەپ قاراپ سوت مەھكىمىسىگە بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش ھەققىدە ئەرز سۇندى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يەن x بىلەن جاۋ x نىڭ كېلىشىم بويىچە ئاجرىشىشى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن. يەن x يارىلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق كېسەلخانىدا يېتىپ قالغان.

  دوختۇرخانا تەمىنلىگەن يەن x نىڭ كېسەللىك ئىسپاتى ۋە يارىلىنىشىنى باھالاش دوكلاتىدا ئۇنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى، بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالايدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلگەن دەپ قاراپ، جاۋ x نىڭ بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر