باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دەي ئەننا خانىش ئەڭ مودا ئايال دەپ باھالاندى

2016.08.30 08:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مودا ئاياللارنى باھالاشتىكى بىر پائالىيەتتە ئەنگلىيەدىكى ۋاپات بولغان دەي ئەننا خانىش 1900- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ مودا ئايال دەپ باھالاندى. ئامېرىكىنىڭ كىيىم-كېچەك ئىجارىگە بېرىش سودىگىرىLe Tote ئۇيۇش تۇرغان بۇ تۈر باھالاش پائالىيىتىگە 2000 نەپەر ئامېرىكىلىق قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئەڭ مودا ئايالنى باھالاپ چىقتى.

  ئارتىس لى ليەن گىش 20 ئەسىرنىڭ 10- يىللىرىدىكى ئەڭ مودا ئايال دەپ باھالاندى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى گۈزەللەر ئايرىم-ئايرىم كوكو چەنىل، كەيسىلىن خەپبەرن، لاۋرېن بەكاۋ، مارىلان مونرو، جەكۇيئەلىيە كېننىدى، فىلاد فوسسەت، دەي ئەننا خانىش، جېنىفېر ئاننىستون، جېنىفېر لوپېيز قاتارلىقلارمۇ بۇ باھالاشقا قاتناشتى. كەيت خانىش ھازىرقى بۇ دەۋردىكى ئەڭ مودا ئايال دەپ باھالاندى. دەي ئەننا خانىشنىڭ نومۇرى بارلىق مودا باشلامچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.

  بۇ باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مودا ۋە گۈزەللىك بولسا بايلىق بىلەن گويا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەك تۇرىدۇ، لېكىنLe Tote مەسئۇلى رۇس خارتمان مۇنۇلارنى دەپ قارىدى: "مودا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ، لېكىن بارلىق مودا مەبۇدنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى ئۆزىگە ئىشىنىش. نېمە كىيىش ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ھەر قېتىم سىز ئىشىكتىن چىققاندا ئۆزىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ۋە قەيسەر دەپ ھېس قىلىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر