خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، لىۋىيەنىڭ غەربتىكى شەھىرى سۇرتتا، لىۋىيە ھۆكۈمىتى قوغداش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى ئەسەبىيي تەشكىلات "شام ئىسلام دۆلىتى" قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى.
لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ 28- ئاۋغۇست دەلىللىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسەبىيي تەشكىلات "شام ئىسلام دۆلىتى"نىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سۇرتتا ئېلىشىش جەريانىدا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 18 نەپەر ئەسكىرى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە : خەلق تورى