خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمنىڭ 1-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىمدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىنى كۆزلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ھالقىپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى