خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: ئىككى كىچىك دوست جياڭشى يۈدۇدىكى ئۇزۇن سەپەر باغچىسىدا ئوينىماقتا.
1934- يىلى 10 -ئايدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قوشۇنىدىكى 86 مىڭ ئادەم يۈدۇ دەرياسىنىڭ سەككىز كېچىكىدىن كېچىلەپ ئۆتۈپ، دۇنياغا مەشھۇر 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. ئۇزۇن سەپەر — خىتابنامە، تەشۋىقات ئەترىتى، سىيالكا بولدى. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە يول بويى ئىنقىلاب ھەقىقىتىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چېچىپ، كېيىن قانات يايدۇرۇلغان ئىنقىلابىي كۈرەش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. 80 يىلدىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە مېڭىپ ئۆتكەن يوللاردا قاتار - قاتار قىزىل ئارمىيە خاتىرە سارىيى قالدۇرۇلۇپ، قاتار - قاتار ئابىدىلەر تىكلىنىپ، داۋاملىق تۈردە كېيىنكىلەرگە قايناق ئىنقىلابىي مۇساپىنى بايان قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەنلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ئىنقىلابىي غايە ۋە ئېتىقادنى يەتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى