- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 28–ئاۋغۇست تىزىملاش باشلىنىدۇ
2016.08.25 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 – يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش خىزمىتى 28 – ئاۋغۇست باشلىنىپ، 12 – سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ، ئىمتىھان 29 – ئۆكتەبىردىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە ئېلىنىدۇ، تىزىملاش توردا تىزىملىتىش ۋە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە بولىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش تور بېكىتىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، تەلەپ بويىچە ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى جەزملەشتۈرۈشتە، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار تولدۇرغان تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە جەزملەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرىدىكەن. مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ چوقۇم مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئالىي مەكتەپلەر تارقاتقان ياكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئالغان مەخسۇس كۇرس دىپلومى، تولۇق كۇرس ئوقۇشنى تاماملاش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر