يەمەندە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 15 كىشى قازا قىلدى
2016.08.30 16:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئادىندا 29-ئاۋغۇست ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 15 كىشى قازا قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھۇجۇم ئادىننىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئارمىيەنىڭ مەشىق لاگېرىدا يۈز بەرگەن. ھۇجۇم قىلغۇچى ماشىنىنى ھەيدەپ، ھەربىي لاگېردىكى بىر يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، بومبىنى پارتلاتقان. يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارى: قازا قىلغۇچىلار يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر