باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنى يېپىلدى

2016.08.30 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنى يېپىلدى6-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنى 28-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يىپىلدى. يىغىندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىش، خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا دېڭىز ئوكتان تەرتىپىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى باشلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھۆججەتنى نايروبى خىتابنامىسىغا كىرگۈزۈش ماقۇللاندى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتابنامىدە بيەنە ئافرىقىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىشتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم بېكىتىلگەن.

  ئىگىلىنىشچە، 6-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەققىيات يىغىنى 1993-يىلى باشلانغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئابې شىنزو 27-ئاۋغۇست، بۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئافرىقىغا 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر