باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزونىڭ سۆزلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى

2016.08.30 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ 6-نۆۋەتلىك ياپونىيە ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدىكى ئاتالمىش تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىن 28-ئاۋغۇست رەددىيە بەردى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىن مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىدىن بۇرۇنقى يۇقىرى دەرىجىلەر يىغىنىدا ئاتالمىش دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتەك كۈچلۈك نىيىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ قېتىمقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىكى بارلىق سۆزلىرى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ بىردەك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، يىغىننى سىياسىيلاشتۇرۇش رەت قىلىندى، ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە تەرەپ مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۇلارنىڭ تەكلىپى بويىچە چىقىرىۋەتتى، بۇ، ئادىللىقنىڭ يەنىلا كىشىلەر قەلبىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  جاڭ مىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى تەرەققىي قىلىش ۋە خەلقنىڭ تۇرۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت، بىر قىسىم كىشىلەر باشقا رايون مەسىلىلىرى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئارىلىشىشى خاتا.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر