باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تەرەققىياتىنى قوللاش تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئۇچتۇرپان خەلقىگە نەپ ئېلىپ كەلدى

2016.08.30 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى يولغا قويغان بۇ يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت نىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى تەرەققىيات تۈرى پىلانىدىكى 30 تۈرلۈك «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، يېقىندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى.

  بۇ 30 تۈرلۈك تۈر قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرىدىن ئالتىسى، يېزا سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى تۈرىدىن تۆتى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 14ى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن بەشى، باغ-ئورمانچىلىق تەرەققىيات تۈرىدىن بىرسى بار. بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ناھىيەگە قاراشلىق بەش يېزا، ئۈچ بازاردىكى 30 مەمۇرىي كەنتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، 2650 ئائىلە، 9200 يېزا نوپۇسى بۇ تۈر قۇرۇلۇشىدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر