باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئۆلچەم بىر تۇتاش بولۇش ۋە توردا كۆرسىتىشتە (ئاڭلىتىشتا) سالاھىتى بولۇشى كېرەك، ئىجتىمائىي خەۋەر ۋە پىروگراممىلارنى ئىشلەشتە سىرتقا ھۆددىگە بېرىشكە بولمايدۇ

ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى خەۋەر ۋە پىروگراممىلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكچى

2016.08.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يېقىندا، دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تارقاتقان «ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئاخبارات ۋە باشقا پىروگراممىلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا بەزى جەھەتلەر تەكىتلىنىپ، ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈردىكى خەۋەر ۋە پىروگراممىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتا پىرىنسىپ-قېلىپلارنى ۋە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە: پەقەت«ئۇچۇر تورىدا ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى»غا ئېرىشكەن، ھەمدە ئىجازەت تۈرى ئىچىدە مۇناسىپ سالاھىيىتى بار بولغان تور بېكەتلەرنىڭلا ئاندىن ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈردىكى خەۋەر-پىروگراممىلارنى تۇنجى قېتىم تارقىتىش ياكى كۆچۈرۈپ تارقىتىش سالاھىيىتى بولىدۇ، ھەمدە توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى بىر تۇتاش ئۆلچەمنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى خەۋەر-پىروگراممىلارنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن، جانلىق ۋە قىزىقارلىق بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىبولغانلىق تۈپەيلىدىن، ئۇلار كۈندىن-كۈنگە خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بۇ خىل پىروگراممىلارنىڭ يېتەكچىلىكى توغرا ۋە ژانىرى ساغلام بولۇپ، ئۇلار ئاكتىپ كۈچلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە توغرا قىممەت قارىشىنى يەتكۈزۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى، لېكىن بەزى پىروگراممىدا ئاكتىپ كۈچ يېتەرلىك ئەمەس، قىممەت قارىشى دۇرۇس ئەمەس، ئېستېتىك قىزىقىشنى قوزغاش يۇقىرى ئەمەس دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت، بەزىلىرى بىر كېچىدىلا نام چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان، يەنە بەزىلىرى بولسا ھېسسىيات ماجىراسى بولۇپ، ئائىلە زىددىيىتىنى كۆپتۈرىدىغان پىروگراممىلار، بەزىلىرى چولپانلار، پۇلدارلار، ۋە توردىكى مەشھۇر شەخسلەرنى قوغلىشىشنى تەرغىپ قىلىدۇ، بەزى پىروگراممىلار يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەنقىد قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر