باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى: ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى فىلىم ئىشلەش ھەققىگە قانۇن ئىش كۆرۈشى كېرەك

2016.08.31 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى 30-ئاۋغۇست كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ قاراپ چىقتى. «ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى فىلىم ئىشلەش ھەققى» دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  ئەزا دۇڭ جۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى فىلىم ئىشلەش ھەققى مەسىلىسىگە قارىتا، قانۇن ئىش كۆرۈشى كېرەك. بىر كىنودىكى بارلىق ئارتىسلارنىڭ فىلىم ئىشلەش ھەققىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بۇ كىنونى ئىشلەشكە كەتكەن بارلىق چىقىمنىڭ %30تىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلەپ، قانۇننىڭ قاتتىق بەلگىلىمىسى ئارقىلىق كىنو ئىشلەشكە قىزىل سىزىق بېكىتىپ، فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور ۋە ئارتىسلارنى ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەش كېرەك.

  ئەزا سۈن باۋشۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىنو فىلىم ئىشلەش ھەققىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كىنو ئىشلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئارتىسلارنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر