خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاراتقۇلار سۇپىسى 30-ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «ئاخبارات» سارىيىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدە مەركەز ۋە يەرلىكتىكى 42 ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىرلىكتە، مەزمۇن ئىجادىيىتى، تارقىتىش يولى، نەشر ھوقۇقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشكەن يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى.
كۆچمە ئالاقە تورى ۋە زامانىۋى تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پائال يېڭى تاراتقۇغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك يېڭى تاراتقۇ مەزمۇنىنى ياراتتى، تارقىتىش يولىنى داۋاملىق يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت پىكرى مەيدانىنىڭ ئاۋازىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تاراتقۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە يېڭى تاراتقۇلارغا يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇپ، گولوگرافىك، بىۋاسىتە قويۇش ھالىتىدىكى «نەق مەيدان خەۋىرى»نى بەلگە قىلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى خېرىدار ئەپىنى چىقىرىپ، ئاخبارات توپلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش، قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى