باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى

2016.08.30 13:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتكوم شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى يىغىنى 26 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە دائىر مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى نىشان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ھازىرقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

  يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (قاراماي مەكتەپ رايونى)، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاقسۇ كەسىپ – تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق 11 ئالىي مەكتەپنىڭ ۋەكىلى مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك 39 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر