باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەلئارا تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نامى دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

2016.08.31 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگو ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەلئارا تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى(ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن ئىجارىسىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى)نىڭ نامى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى(ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، سىرتتا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دەپ ئاتىلىدىكەن. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لىگو مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» بىلەن 1-سېنتەبىر يولغا قويۇلىدىغان «خەير-ساخاۋەت قانۇنى»نىڭ ھەممىسىدە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش، نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەسىس قىلىنغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر