باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رىئودى-ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەت كوماندىلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرگە مەملىكەت بويىچە «1-ماي» ئەمگەك مۇكاپاتى ۋە مېدالى بەردى

2016.08.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 30-ئاۋغۇست ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ رىئودى-ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى قاتارلىق ئۈچ تەنھەرىكەت كوماندىسىغا مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مۇكاپاتى، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جاڭ مېڭشۆ قاتارلىق 18 تەنھەرىكەتچىگە مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالى بېرىشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىم مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ تەنھەرىكەت كوماندىسى: جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، جۇڭگو ئەرلەر تىك-تاك توپ كوماندىسى ۋە جۇڭگو ئاياللار تىك-تاك توپ كوماندىسىدىن ئىبارەت. مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن 18 تەنھەرىكەتچى: جاڭ مېڭشۆ، شى تىڭماۋ، رېن چيەن، ليۇ خۇيشيا، چېن ئەيسېن، شى جىيۇڭ، دېڭ ۋېي، شياڭ يەنمېڭ، مېڭ سۇپىڭ، دىڭ نىڭ، ما لۇڭ، ۋاڭ جىن، ليۇ خۇڭ، جاۋ شۇەي، جىن جۇيىن، چېن لۇڭ، گۇڭ جىنجې، جۇڭ تيەنشىدىن ئىبارەت.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر